ئاكار قاتارنى زىيارەت قىلدى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار تۈنۈگۈن (2020-يىلى 19-ئىيۇل) قاتارنى زىيارەت قىلدى.
1458098
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار قاتار ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھاماد ئالسانى بىلەن كۆرۈشتى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۋىتتېردا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا: «قاتارنى زىيارەت قىلغان مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار، قاتار ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھاماد ئالسانى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. زىيارەتتە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايون مەسىلىلىرى بويىچە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى» دېيىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.