يۇقۇملانغۇچىلار سانى 4 كۈندىن بۇيان مىڭ كىشىنىڭ ئاستىدا بولماقتا

تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانغۇچىلار سانى ئۇدا 4 كۈندىن بۇيان مىڭ كىشىنىڭ ئاستىدا بولماقتا.

1457142
يۇقۇملانغۇچىلار سانى 4 كۈندىن بۇيان مىڭ كىشىنىڭ ئاستىدا بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 18 گە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 5458 گە يەتتى.

بۇ جەرياندا  41  مىڭ 215 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 926 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1014 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 199 مىڭ 834 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر