تۈركىيەدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى مىڭ كىشىنىڭ ئاستىغا چۈشتى

تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانغۇچىلار سانى ئارىدىن 33 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن مىڭ كىشىنىڭ ئاستىغا چۈشتى.

1455093
تۈركىيەدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى مىڭ كىشىنىڭ ئاستىغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 20 كە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 5402 گە يەتتى.

بۇ جەرياندا  43  مىڭ 231 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 992 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1049 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 196 مىڭ 720 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر