بۈگۈن 19 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلدى
تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشكە باشلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆلۈم ۋە يۇقۇم نىسبىتى بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە.
1454332
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 19 كىشى قازا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 5 مىڭ 382 گە يەتتى.
بىر كۈن ئىچىدە 46 مىڭ 492 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1 مىڭ 8 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 156 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 195 مىڭ 671 گە يەتتى.