بۈگۈن تۈركىيەدە 19 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشكە باشلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆلۈم ۋە يۇقۇم نىسبىتى بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە.

1453779
بۈگۈن تۈركىيەدە 19 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 19 نەپەر ۋۇخەن ۋىرۇسى بىمارى قازا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 5363 كە يەتتى.

ئوخشاش ۋاقىتتا 45 مىڭ  232 كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن  1012 كىشىدە يۇقۇم بايقالدى. بالنىستتىن چىققان 1298 كىشىنى قوشقاندا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 194 مىڭ 515 كىشىگە يەتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر