تۈركىيە ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي قىبرىسقا مۇناسىۋەتلىك قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىنى خەلقئارا ھەربىي تەلىم – تەربىيە پىلانى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1451842
تۈركىيە ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي قىبرىسقا مۇناسىۋەتلىك قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي بۇ ھەقتىكى بىر سوئالغا يازما ھالەتتە جاۋاب بەردى؛ ئۇ، ئارالدىكى ئىككى تەرەپكە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بەلگىلىگەن بىر پىرىنسىپ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، «بۇنىڭدىن بۇرۇن قايتا – قايتا تەكىتلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قەدەملەر قىبرىس مەسىلىسىگە چارە تېپىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارغا  تۆھپە قوشمايدۇ، ئەكسىچە رىم تەرەپنىڭ كېلىشەلمەس پوزىتسىيەسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى نەزەردە تۇتمىغان قەدەملەرنىڭ ئارالدا ئىشەنچ مۇھىتى بەرپا قىلىشقا، ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي ئاقدېڭىزدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغىمۇ ياردەمچى بولمايدىغانلىقى ئېنىقتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، دۆلىتى بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى خەۋپسىزلىك مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە رىم دائىرىلىرىگە ھەربىي تەلىم – تەربىيە مەبلىغى بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر