تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تۈنۈگۈن 19 كىشى قازا قىلدى

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 19 غا يەتتى.

1449468
تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تۈنۈگۈن 19 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 5225 گە چىقتى.

بىر كۈن ئىچىدە  46 مىڭ 414 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 1148 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

 دوختۇرخانىدىن چىققان 1188 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 180 مىڭ 680 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر