ۋېنگىرىيە تۈركىيەنى بىخەتەر ساياھەت قىلىشقا بولىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ۋېنگىرىيەنىڭ تۈركىيەنى بىخەتەر دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى، تۈركىيەدىن قايتقانلارنىڭ كارانتىن قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1448826
ۋېنگىرىيە تۈركىيەنى بىخەتەر ساياھەت قىلىشقا بولىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليادا بايانات بېرىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) دىن قوغدىنىش جەھەتتە تۈركىيەنىڭ بىخەتەر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا «ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ ماڭا تېلېفون قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارارىغا قارىماي، تۈركىيەنى بىخەتەر دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكلىرىنى، تۈركىيەدىن قايتقان ۋېنگىرىيەلىك ساياھەتچىلەرنى 14 كۈن كارانتىن قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ، ئەنگلىيە ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان 59 دۆلەتنىڭ ئارىسىدا بارلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر