تۈركىيەدە مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبدىن 19 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 5150 كە يەتتى.

1447194
تۈركىيەدە مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبدىن 19 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مىقياسىدا بىر كۈندە 52 مىڭ 313 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 192 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. 2 مىڭ 311 كىشى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئومىمىي سانى 175 مىڭ 422 گە يەتتى.

بۇ ئارىلىقتا، سەھىيە مىنىستىرى فاخرەتتىن كوجا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە كېسەللىكنىڭ كۈن تەرتىپتىن چۈشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

فاخرەتتىن كوجا ئىلىم - پەن كىڭىشى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى تۆۋەنلىدى» دېگەن قاراشنىڭ قايمۇقتۇرۇش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە «ۋىرۇسنىڭ كېسەل قىلىش كۈچى ئاجىزلاشتى» دېگەن قاراشنىڭ بولسا،  ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

فاخرەتتىن كوجا «كوۋىد -19 يۇقۇمىغا دىققەت قىلغان ۋە قائىدىگە ئەمەل قىلغان ھەرقانداق كىشى بۈگۈنكى شارائىتتا ھايات قۇتۇلدۇرىدىغان قەھرىمانلارنىڭ بىرسىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر