تۈركىيە ئىراققا تېببىي ياردەم بۇيۇمى يوللىدى

تۈركىيە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە تېببىي ياردەم بۇيۇملىرىنى يوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1446640
تۈركىيە ئىراققا تېببىي ياردەم بۇيۇمى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، ئىراقنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرىشىگە ياردەمچى بولۇش مەقسىتىدە، بۇ دۆلەتكە ماسكا، يەرلىك سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى، قوغدىنىش كىيىمى ۋە قوغدىنىش كۆزئەينىكى قاتارلىق تېببىي بۇيۇملارنى ئەۋەتتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان تېببىي ياردەم بۇيۇملىرى پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئەتىمەسگۇت ھەربىي ئايرودۇرۇمىدا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئا400م تىپلىق چوڭ ھەجىملىك يۈك ئايروپىلانىغا قاچىلاندى.

ئىراققا قاراپ يولغا چىققان ئايروپىلاندىكى ياردەم ئەشيالىرى ساندۇقلىرىنىڭ ئۈستىگە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى لوگوسى بىلەن بىرلىكتە مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ «ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن ئۈمىدلەر بار. قاراڭغۇلۇقنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن قۇياشلار بار» ۋە «تۈركىيەدىن ئىراق جۇمھۇرىيتى خەلقىگە مېھرى – مۇھەببەت بىلەن»  دېگەن خەتلەر تۈركچە – ئەرەبچە قىلىپ يېزىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر