تۈركىيە شىركەتلىرى 2022-يىلىغىچە «F-35» زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) «F-35» ئايروپىلانلىرىنىڭ بەزى زاپچاسلىرى ئۈچۈن 2022-يىلىغىچە تۈركىيە شىركەتلىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1446705
تۈركىيە شىركەتلىرى 2022-يىلىغىچە «F-35» زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقنىڭ باياناتچىلىرىدىن جېسىكا ماكسۋېل (Jessica Maxwell) تۈركىيە شىركەتلىرى «F-35» لەر ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىدىغان 139 زاپچاسنى 2022-يىلى بويىچە داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جېسىكا ماكسۋېل: «سانائەت شېرىكلىرىمىز ۋاقتى توشمىغان توختام بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. F-35 پىروگراممىسى بۇ نۇقتىدا، چىقىمى ئېغىر، تەرتىپنى بۇزىدىغان ۋە توختاملارنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان كېرەكسىز ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشتى» دېدى.

تۈركىيە رۇسىيەدىن «S-400» ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۆتكەن يىلى (2019) ئىيۇل ئېيىدا تۈركىيەنىڭ «F-35» پىروگراممىسىغا بولغان شېرىكلىكىنى توختىتىپ قويغان ئىدى.

بىراق، ئامېرىكا تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ بەزى زاپچاسلارنى ياسىشى ئۈچۈن ئوتتۇرىدىكى توختاملارنى بىكار قىلمىغان ۋە يېڭى تەمىنلىگۈچىلەرنى تاپقىچە بۇ يىل (2020) ئاخىرىغىچە تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ زاپچاسلارنى داۋاملىق تەمىنلىشىگە رۇخسەت قىلغان ئىدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن «F-35» زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئېغىر مەسىلىلەر كۆرۈلگەن ئىدى. تۈركىيە شىركەتلىرى «F-35» لەر ئۈچۈن مىڭدىن ئارتۇق زاپچاس ئىشلەپچىقىرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر