تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى ئادمىرال ئادنال ئۆزبال لىۋىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى ئادمىرال ئادنان ئۆزبال لىۋىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا لىۋىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى مۇھەممەد ئەششەرىف بىلەن كۆرۈشتى.

1446566
تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى ئادمىرال ئادنال ئۆزبال لىۋىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن تۈنۈگۈن لىۋىيەگە بارغان ئۆزبال، پايتەخت ترابلۇستا لىۋىيەلىك ۋە تۈرك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.

ئادمىرال ئادنان ئۆزبال بۇسىتتەدىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا لىۋىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى مۇھەممەد ئەششەرىف بىلەن كۆرۈشتى.

لىۋىيەلىك قومانداننىڭ ئۆزبالنىڭ زىيارىتىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى ئىپادىلىشىدىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر