خىتايغا ساياھەت چەكلىمىسىنى بېكار قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى، تۈركىيەگە داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ساياھەت چەكلىمىسى قارارىنى تۈزىتىشىنى كۈتمەكتە.

1446775
خىتايغا ساياھەت چەكلىمىسىنى بېكار قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى، تۈركىيەگە داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي بولمىغان ساياھەتلەر ئۈچۈن يولغا قويغان چەكلىمىسىنى بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ماقۇللىغان تەۋسىيە قارارىدىكى تىزىملىكتە تۈركىيەنىڭ يوقلۇقىدىن كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ تۈزىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشتە يولغا قويغان تەدبىرلىرى، قىلغان خىزمەتلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھامى ئاقسوي، «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئۈلگە كۆرسىتىلگەن بۇ مۇۋەپپەقىيەتكە جىددىي قاراش ۋە ئوبيېكتىپ ئۆلچەمگە ئاساسەن قارار چىقىرىش كېرەك ئىدى» دېدى.

ئاقسوي تۈركىيەنىڭ يۇقۇم مەزگىلى بۇيىچە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئۈلگىلىك ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى تەكەتلەپ، «(تۈركىيە) يۇقۇم دائىرىسىدە ياۋروپا ئورگانلىرى بىلەن تولۇق ۋە ئاشكارا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىشىشنى ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. پۇقرالىرىمىزغا قارىتىلغان ساياھەت چەكلىمىسى مەسىلىسىدە سادىر قىلىنغان بۇ خاتالىقنىڭ تېزدىن تۈزىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

 ياۋروپا كېڭىشى ئۈچىنچى دۆلەتلەردىن سىچېنگېن رايونىغا بارىدىغانلار ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ساياھەت چەكلىمىسىنى بۈگۈندىن باشلاپ 14 دۆلەتكە قارىتا بىكار قىلغان ئىدى.

خىتايغا بولسا، ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى پۇقرالىرىنىڭ ساياھەت قىلىشىغا يول قويسا، خىتايغا چەكلىمە قويۇلمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

تۈركىيە، ئامېرىكا، روسىيە، بىرازىلىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ساياھەت چەكلىمىسى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر