تۈركىيە ئىراققا تېببىي ياردەم بۇيۇمى يوللايدۇ

تۈركىيە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئىراققا تېببىي ياردەم بۇيۇمى يوللايدۇ.

1445918
تۈركىيە ئىراققا تېببىي ياردەم بۇيۇمى يوللايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ باغدادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فاتىھ يىلدىز، يۇقۇمنىڭ ئىراققا سەلبىي تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «دۆلەتتىكى يۇقۇملانغۇچىلار سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، سەھىيە سىستېمىسىنىڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكى، بىمارلار بىلەن دوختۇرخانىلارنىڭ بەزى ئاساسلىق لازىمەتلىكلەرگە ئېرىشىشتە قىينىلىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە» دېدى.

بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقان ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىراق سەھىيە ۋە مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى باشتا بولۇپ ئىراقلىق ئەمەلدارلار بىلەن تۈركىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بىلەن تەرەپلەرنىڭ تۈركىيەدىن باغدادتىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن يىلدىز، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ھەردائىمقىغا ئوخشاشلا، قوشنىمىز، دوستىمىز ۋە قېرىندىشىمىز ئىراقنىڭ قىيىن كۈنلىرىدە يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى نامايان قىلىشىمىز لازىملىقىنى تەكىتلىدى ۋە بۇ دائىرىدە ئىراق سەھىيە ۋە مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ ئېھتىياجلىرى بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە بىلەن تارىخىي مۇناسىۋىتى بولغان ۋاسىت (قۇت) ۋىلايىتى بىلەن ئىراقتىكى تۈركمەنلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەركۈك ۋە مۇسۇلنىڭمۇ تەلەپلىرىنى قامداش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى» دېدى.

ئىراقتا يۇقۇم يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلىشقا باشلىدى؛ ھازىرغىچە 1839 ئادەم قازا قىلدى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 47151 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر