تۈركىيە ئامېرىكاغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «2019 – يىللىق ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئالاقىدار تېررورىزم دوكلاتى» غا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1443793
تۈركىيە ئامېرىكاغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «2019 – يىللىق ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئالاقىدار تېررورىزم دوكلاتى» ھەققىدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قارىتىلغان بىر سوئالغا بەرگەن يازما جاۋابىدا، دوكلاتتا، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرىشى ۋە چەت ئەللىك تېررورچىلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىگە قارىتا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى دۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ كۈرەش قىلىۋاتقان يېگانە دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيە چەت ئەللىك تېررورچىلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدىكى چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە، پۇقراۋى ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقماسلىقى ئۈچۈن، ھەمىشە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پۇختا تەدبىرلەرنى قوللانماقتا.»

ئۇ، يەنە مۇنداق دېدى: «دوكلاتتا، دۆلىتىمىزنىڭ ي پ گ نى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى دەپ قارايدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ي پ گ نىڭ  پ ك ك بىلەن ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكى يوشۇرۇلۇشقا ئۇرۇنۇلماقتا. بۇ پوزىتسىيە، ي پ گ نىڭ تېررورچى كىملىكىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن، پ ك ك ۋە ي پ گ نىڭ ئوخشاش تەشكىلات ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ، ھەربىيلەرنىڭ ۋە ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ باياناتلىرىمۇ ھەممىگە ئايان. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىۋېتىپ، باشقا بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئەمدى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك.»

دوكلاتتا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئالاھىدىلىكىگە ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا  گۇمان بىلەن قارالغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە قوللىنىۋاتقان قانۇنىي تەدبىرلىرىنىڭ تەنقىد قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاقسوي، مۇنداق دېدى: «بۇ ئەھۋال، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل خائىنلارچە ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنى كۆرمەسكە سالغان پوزىتسىيەسىنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇ ئاڭ، تۈركىيەنىڭ 251 مەسۇم خەلقىمىز شېھىت قىلىنغان 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇشىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى بىلىشنى خالىماسلىق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان تەدبىرلەر، تۈركىيە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە قانۇنغا ئاساسەن ئىشقا كىرىشتۈرگەن تەدبىرلەردۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر