تۈركىيە ئارمىيەسى مۇتەخەسسىسلىرى لىۋىيەدە مىنا تازىلاش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسى لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى ھافتەرگە تەۋە ئۇنسۇرلارنىڭ پايتەخت تىرابلۇستىن چېكىنىدىغان چاغدا كۆمۈشكەن مىنا ۋە پارتىلاتقۇچلىرىنى تازىلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1442499
تۈركىيە ئارمىيەسى مۇتەخەسسىسلىرى لىۋىيەدە مىنا تازىلاش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق بومبا ۋە مىنا تازىلاش ئەترەتلىرى سالاھىددىن رايونىدىكى پۇقرالار قويۇق ئىشلىتىدىغان يول ئەتراپىدا ھافتەر قوراللىق ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىنالارنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى مۇتەخەسسىسلىرى «ترېزېز سىمى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان ئىنچىكە سىملىق مىنانىڭ پۇقرالار ئۆتىدىغان يول ئۈستىدىكى بىر دەرەخنىڭ تېگىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە مىنانى بىخەتەر شەكىلدە پارتىلىتىپ، يوق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھافتەر قوراللىق ئۇنسۇرلىرىدىن ئازاد قىلىنغان رايونلاردىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە بىخەتەر قايتىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن لىۋىيەگە بارغان تۈركىيە ئارمىيەسىگە تەۋە  بومبا ۋە مىنا تازىلاش مۇتەخەسسىسلىرى قوغداش كىيىمى، زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر، ماشىنا ئادەم سىستېمىسى، مىللىي تېخنىكا ۋە تەجرىبىسى بىلەن خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

پايتەختنىڭ جەنۇبىدىكى ھافتەر قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ پۇقرالار ئولتۇراق رايونىغا ئورۇنلاشتۇرغان مىنا ۋە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتىلاتقۇچلار  سەۋەبىدىن ھازىرغا قەدەر ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە 40 كىشى قازا قىلىپ، 70 تىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر