تۈركىيە تېررورچىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئۇۋىلىرىنى بىر - بىرلەپ بىتچىت قىلماقتا

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زاپ ۋە ئاۋاشىن – باسيان رايونلىرىدا پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 6 نەپەر تېررورچىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1442292
تۈركىيە تېررورچىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئۇۋىلىرىنى بىر - بىرلەپ بىتچىت قىلماقتا
Video Pençe Kaplan Operasyonu.jpg
pence-kaplan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زاپ ۋە ئاۋاشىن – باسيان رايونلىرىدا چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئورۇنلىرى ئېنىقلانغان 6 نەپەر پ ك ك تېررورچىسىنىڭ ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

مىنىستىرلىقنىڭ يەنە بىلەن باياناتىدا، 2019 – يىلى 22 – ئۆكتەبىردە ئىمزالانغان سوچى كېلىشىمىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان جەرياندا سۈرىيەدىكى تىنچلىق بولىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 998 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، كوماندىرلار تەرىپىدىن 10 – ئىيۇندا ئورنى ئېنىقلانغان تونېللارنى قوشقاندا جەمئىي 161 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى 1433 تونېلنىڭ پايدىلانغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە بىر باياناتىدا بولسا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن رايونىدا پەنچە – قاپلان (يولۋاس) ھەربىي ھەرىكىتىنى غەلىبىلىك داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كوماندىر جەڭچىلەرنىڭ، تېررورچىلار تەرىپىدىن ئىلغار ئۈسكۈنىلەر ئىشلىتىلىپ قېزىلغان 150 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر تونېلنى ئېنىقلاپ چىققانلىقى، ئوق – دورا ئىسكىلاتى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان مەزكۇر تونېلنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر