ھاككارىدا بىر ئەسكەر ئىران تەرىپىدىن ئېىتلغان ئوق تېگىپ شېھىت بولدى

ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا چېگرا رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان چارلاش ۋە كۆزىتىش خىزمەتلىرى جەريانىدا، بىر ئەسكەر ئىران تەرىپىدىن ئېتىلغان ئوق تېگىپ شېھىت بولدى.

1442090
ھاككارىدا بىر ئەسكەر ئىران تەرىپىدىن ئېىتلغان ئوق تېگىپ شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا چېگرا رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان چارلاش ۋە كۆزىتىش خىزمەتلىرى جەريانىدا ئىران تەرىپىدىن ئوق چىقىرىلغانلىقىنى، ۋەقەدە 2 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى، بىر ئەسكەرنىڭ دوختورخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، «بىزنى چوڭقۇر ئازاب ۋە قايغۇغا سالغان بۇ ۋەقەدە جېنىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىتىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، مۇسىبەتلىك ئائىلىسى، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئالىيجاناب خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە سەۋر تىلەيمىز، يارىدار ئەسكىرىمىزگە تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر