گىرېتسىيە تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلىغان چەت ئەللىك مۇساپىرلار قۇتقۇزۇۋېلىندى

چاناققەلئە ۋە ئىزمىر دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 60 نەپەر چەت ئەللىك قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1442233
گىرېتسىيە تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلىغان چەت ئەللىك مۇساپىرلار قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان چەت ئەللىك كۆچمەنلەر، كامېر كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىك ناھىيەسى تەۋەلىكىدىن يولغا چىققاندىن كېيىن، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلاندى، تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى دېڭىزدا قىيىن ئەھۋالدا قالغان 24 ئادەمنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاپ چىقىپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ، ئايۋاجىكقا قاراشلىق كۈچۈكقۇيۇ بازىرىدىكى خەۋپسىزلىك مەركىزىگە ئېلىپ كەلدى.

ئىزمىرنىڭ فوچا ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدىمۇ گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان ئىككى كېمىدىكى 36 كۆچمەن قۇتقۇزۇلۇپ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر