تۈركىيە ئاۋسترىيەنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، ئاۋسترىيەنىڭ چېگرالىرىنى ئېتىۋېلىپ مۇساپىرلارنىڭ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت – قاراشلىرىغا زىت ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1441188
تۈركىيە ئاۋسترىيەنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى سېباستىئان كۇرزنىڭ بىر گىرېك گېزىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا يازما ھالەتتە جاۋاب بېرىپ، «ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى سېباستىئان كۇرز، بىر گىرېك گېزىتىگە پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسى توغرىسىدا مۇساپىرلار كۈنىدىن كېيىنلا ئەپسۇسلىنارلىق باياناتلارنى بەردى. باشتىن تارتىپلا مۇساپىرلار ئۈچۈن چېگرالىرىنى تاقىۋەتكەن، ھەتتا چېگراغا تام سېلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ دۆلەت، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت – قاراشلىرىغا، ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە، 1951 – يىلىدىكى جەنۋە كېلىشىمىگە زىت ھەرىكەت قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر شۇنداقلا ئاۋسترىيەلىكلەرمۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ياۋروپا چېگرا ۋە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى ئاگېنتلىقىنىڭ، «مەزكۇر كېلىشىملەرنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇنى ئىجرا قىلىش، چېگرالىرىغا كەلگەن مۇساپىرلارنى قوغداش، ئۇلارنى قايتۇرۇۋەتمەسلىك ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلەرنى قىلماسلىق مەجبۇرىيىتى بارلىقى»غا ئىشارەت قىلغان ئاقسوي، «ئەسلىدە ئاۋسترىيەنىڭ مۇساپىرلارغا بولغان قارىشى، چېگرايىمىزدا ئۇلارغا قىلغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلىرى ئەسلىمىلەردىن ئورۇن ئالغان گىرېتسىيەنىڭ پوزىتسىيەسىدىن پەقەتلا پەرقلەنمەيدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر