يۇقۇم سانى تۆۋەنلەشكە باشلىدى

تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) قارشى تۇرۇشىدا، ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانى ئىزچىل كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى.

1441065
يۇقۇم سانى تۆۋەنلەشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرىشىدە، يۇقۇم سانى ئىزچىل تۆۋەنلىمەكتە. يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 24 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 4 مىڭ 974 بولدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 41 مىڭ 413 كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى ۋە 1 مىڭ 212 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. 1 مىڭ 293 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 161 مىڭ 533 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر