ئاقار: «پەنجە – قاپلان» ھەربىي ھەرىكىتى پىلان بويىچە داۋاملاشماقتا

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار «پەنجە – قاپلان» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ پىلان بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1439704
ئاقار: «پەنجە – قاپلان» ھەربىي ھەرىكىتى پىلان بويىچە داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئۈمىت دۈندار، ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال ھەسەن كۈچۈكئاقيۈز، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى ئادنان ئۆزبال ۋە 2 – ئارمىيە قوماندانى گېنېرال سىنان يايلا قاتارلىق قوماندانلار بىلەن بىرلىكتە چېگرا لىنىيەسىدىكى ھەربىي ھەرىكەت رايونىغا بېرىپ، تۈن بويى «پەنجە – قاپلان» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزەتكەن ئاقار، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ پىلان بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئالاھىدە قىسىملىرىمىز تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىغا، غارلىرىغا كىرىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى، ھەمدە قىلماقتا. ھەربىي ھەرىكەت باشلانغاندىن بۇيان 150 ئەتراپىدا غار يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى. نومۇسسىز تېررورچىلار تۇزاق قۇرۇپ كۆمۈپ قويغان تەخمىنەن 160 پارتلاتقۇچ ۋە مىنا پاچاقلاپ تاشلاندى، كۆپ ساندا ئوق – دورا ۋە قورال – ياراغ قولغا چۈشۈرۈلدى. ھازىرغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرىمىزنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە 700 دىن ئارتۇق نىشان يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر