ئاپېلسىن ۋە كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدىكى نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سىئىرت ۋە فاراشى رايونىدا ئىككىسى ئاپېلسىن، ئىككىسى كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدىن بولۇپ جەمئىي 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1436857
ئاپېلسىن ۋە كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدىكى نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىچكى بىخەتەرلىكنى قوغداش ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، ھەپتە ئاخىرلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلغان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە، سىئىرت ۋىلايىتى ئەرۇھ ناھىيەسىنىڭ جىراف رايونىدا 5، فاراشىن رايونىدا 2 بولۇپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تېررورچىلاردىن 4 ىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان بولۇپ، ئەرۇھتا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلاردىن بىرى، ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرگە بىر مىليون لىراغىچە مۇكاپات بېرىلىدىغان ئاپېلسىن كاتېگورىيەسىدىكى تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان تېررورچى، ئىككىسى 500 مىڭ لىراغىچە مۇكاپات بېرىلىدىغان كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدىكى تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان تېررورچىلار ئىكەن.

فاراشىن رايونىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلاردىن يەنە بىرىمۇ، ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرگە بىر مىليون لىراغىچە مۇكاپات بېرىلىدىغان ئاپېلسىن كاتېگورىيەسىدىكى تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان تېررورچى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر