ئەردوغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1423162
ئەردوغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، پاكىستان پىرېزىدېنتى ئارىف ئالۋى، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئۇممان سۇلتانى ھەيسەم بىن تارىق بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

كۆرۈشۈشتە، رەھبەرلەر ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىگەن ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىق ئورنىتىش، ۋابادىن كېيىنكى مەزگىلدە بېسىلىدىغان قەدەملەر ھەمدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر