تۈركىيە – رۇسىيە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسى ئۈچۈن كېڭىشىشكە باشلىدى

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق خىزمەت ئىشلەش مەسىلىسىدە كېڭىشىشكە باشلىدى.

1422325
تۈركىيە – رۇسىيە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسى ئۈچۈن كېڭىشىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىستېمال ھوقۇقىنى قوغداش ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئورگاننىڭ مەسئۇلى ئاننا پوپوۋا بىلەن تۈركىيە مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى ئەمىنە ئالپ مەشە تېلېكونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش، ۋاكسىنا بارلىققا كەلتۈرۈش، دورا  ياساش، رۇسىيە ۋە تۈركىيەدىكى يۇقۇم ئەھۋالى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسى ھەققىدە ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر، داۋالاش ۋە يۇقۇم تەدبىرلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ۋاقىتلىق تەدبىرلەرنىڭ بىكار قىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەر  توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. تۈركىيە تەرەپ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش مەسىلىسىدە ئورتاق خىزمەت ئىشلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇ دائىرىدە رۇس ۋە تۈرك ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئارا بىلىم ئالماشتۇرۇلۇشى قارارلاشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر