تۈركىيە نىگېرغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە نىگېردا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار ئۈچۈن نىگېر خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈردى.

1420850
تۈركىيە نىگېرغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، نىگېرنىڭ دىففا شەھىرىدە دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئۈچۈن خەۋەر تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «بۇ ئەپسۇسلىنارلىق تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەيمىز. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز، قېرىنداش نىگېر خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە سەمىمىي تەزىيەلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نىگېرنىڭ دىففا شەھىرىدىكى بلابرىنې ھەربىي بازىسىغا قىلغان دۈشەنبە كۈنى كېچىسىدىكى ھۇجۇمىدا 12 ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 10 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر