تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى (THY)، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۈزىسىدىن چىقارغان ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى توختىتىپ قويۇش قارارىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى.

1420930
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى (THY)، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۈزىسىدىن چىقارغان ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى توختىتىپ قويۇش قارارىنىڭ مۇددىتىنىڭ دۆلەت ئىچى لىنىيەلەر ئۈچۈن 4 – ئىيۇنغىچە، تاشقى لىنىيەلەر ئۈچۈن 10 – ئىيۇنغىچە ئۇزارتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بايانات بېرىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا لىنىيەدە ئۇچۇشنى توختىتىش قارارىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزاراتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭى تۈزۈمگە ئاساسەن بۇنىڭدىن كېيىن يولوچىلارنىڭ يېنىدا كۆتۈرۈۋالىدىغان  كابىن چامادانلىرى ئايروپىلاننىڭ ئىچىگە ئەمەس، بەلكى يۈك – تاق بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئايروپىلاننىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىشكە رۇخسەت قىلىنىپ كەلگەن 8 كىلوگىراملىق ئېغىرلىق ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ يۈك – تاق ئېغىرلىق ئۆلچىگە ئىلاۋە قىلىنىدىكەن. يولۇچىلارنىڭ قول سومكىلىرىنى ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىكەن.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، ئىچكى ۋە خەلقئارا لىنيەلەر بويىچە ئۇچۇشنى توختىتىش قارارىنىڭ مۇددىتىنىڭ 28 – مايغىچە ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر