تۈركىيە گىرېتسىيەدىكى تۈرك بايرىقىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتىنا (ئافىنا) دىكى تۈركىيە بايرىقىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسىگە ئىرقچىلىق دەپ باھا بەردى.

1420224
تۈركىيە گىرېتسىيەدىكى تۈرك بايرىقىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، «ئىرقچى ئاڭ ھېلىھەم تېگىشلىك ساۋاقنى چىقارماپتۇ. شانلىق بايرىقىمىزغا ھېچكىم قول سوزالمايدۇ!» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھامى ئاقسوي بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقو تورى تىۋىتتېر ئارقىلىق بايانات بېرىپ، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى) ئاتاتۈركنىڭ، ئىزمىرنىڭ (گىرېك) ئىشغالىدىن قۇتۇلۇشى (1923)دىن كېيىن ئالدىغا تاشلانغان گىرېك بايرىقىغا دەسسەشكە يول قويمىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

ئۇ ئۇچۇرىدا «قوشۇنلىرىمىز ئىزمىرنى قايتۇرۇپ ئالغاندا، ئاتاتۈرك ئالدىغا تاشلانغان گىرېك بايرىقىغا <بىر مىللەتنىڭ ئار – نومۇسىدۇر> دەپ دەسسەشكە يول قويمىغانىدى. ئارىدىن 100 يىل ئۆتتى. ئىرقچى ئاڭ ھازىرمۇ (بۇنىڭدىن) تېگىشلىك ساۋاقنى ئالماپتۇ. شانلىق بايرىقىمىزغا ھېچكىم قول سوزالمايدۇ!»دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر