ئەردوغان 19-ماي مۇناسىۋېتى بىلەن ياشلارغا مۇستەقىللىق كۆرۈشىنىڭ رۇھىنى تەكىتلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 19-ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى مۇناسىۋېتى بىلەن تەبرىكنامە ئېلان قىلدى.

1419667
ئەردوغان 19-ماي مۇناسىۋېتى بىلەن ياشلارغا مۇستەقىللىق كۆرۈشىنىڭ رۇھىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەبرىكنامىسىدا، «بىزنىڭ نۇرىمىز، ئۈمىدىمىز ۋە كەلگۈسىمىز بولغان سۆيۈملۈك ياشلىرىمىز!» دەپ سۆزىنى باشلاپ، 19-مايدا (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى) مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ سامسۇنغا چىقىشى بىلەن باشلانغان، ئاماسيا، ئەرزۇرۇم ۋە سىۋاستىن پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيگەن مىللىي كۈرەشنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن رۇھ، ھاياجان ۋە قىزغىنلىقىنى بۈگۈنكى ياشلىرىمىزنىڭ كۆزلىرىدە كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستىقبال كۈرىشى بويىچە تارىخقا كۆمۈپ قويۇش پىلانلانغان قەدىرلىك مىللەتنىڭ قەيسەرلىكى، جاسارىتى، قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئېتىقادى بىلەن ماڭغان يولىدا، ھەر تۈرلۈك قېيىنچىلىقلارغا كۆكرەك كېرگەنلىكىنى، جېنىنى تېكىپ قويۇپ،  ۋەتىنىگە ۋە بايرىقىغا يۈزلەنگەن تەھدىتلەرنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.  

ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«ئەركىنلىكىمىز، ئىگىلىك ھوقۇقىمىز ۋە جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ كاپالىتى، قەدىرلىك تۈرك ياشلىرى! بۈگۈن بىز سىلەرگە تېخىمۇ پارلاق، ئۈمىدۋار ۋە تىنچلىققا تولغان بىر كەلگۈسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولساق، سىلەردىن كۈتىدىغىنىمىز، قەھرىمان ئەجدادلىرىمىزدىن ئامانەت ئالغان ۋەتەن ۋە بايراق سۆيگۈسىگە شۇنداقلا ئەركىنلىك ئىشقىغا ئىگە چىقىشىڭلار ھەمدە بۇ ئۇلۇغ قىممەت قاراشلىرىمىزنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزىشىڭلاردۇر.  سىلەرنىڭ يەلكەڭلارغا ئالغان زور مەسئۇلىيەتنىڭ ئېڭى بىلەن جاپالىق تىرىشىدىغانلىقىڭلارغا ۋە جۇمھۇرىيىتىمىزگە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىگە چىقىدىغانلىقىڭلارغا چىن قەلبىمدىن ئىشىنىمەن»

ئەردوغان19 - ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى تەبرىكلەپ، غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك قاتارلىق مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ بارلىق قەھرىمانلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر