تۈركىيەدە ۋىرۇسقا قارشى كۈرەش نەتىجىسىدە ساقايغانلار سانى كۆپەيمەكتە

تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشكە باشلىشىغا ئەگىشىپ، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلارنىڭ سانى كۈنسېرى تۆۋەنلىدى.

1419144
تۈركىيەدە ۋىرۇسقا قارشى كۈرەش نەتىجىسىدە ساقايغانلار سانى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 44 كە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 4140 قا يەتتى.

بۇ جەرياندا  35  مىڭ 369 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1635 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1825 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 109 مىڭ 962 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر