تۈركىيەدە ۋىرۇسقا قارشى كۈرەش نەتىجىسىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلمەكتە

تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشكە باشلىغا ئەگىشىپ، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلارنىڭ سانى كۈنسېرى تۆۋەنلىدى.

1417493
تۈركىيەدە ۋىرۇسقا قارشى كۈرەش نەتىجىسىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 55 گە چۈشتى. جەمئىي  قازا قىلغانلار سانى 4007 گە يەتتى.

بۇ جەرياندا  34  مىڭ 821 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1635 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 2315 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 104 مىڭ 30 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر