تۈركىيەدە ۋىرۇسقا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى مېۋە بېرىشكە باشلىدى
تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشكە باشلىغا ئەگىشىپ، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلارنىڭ سانى كۈنسېرى تۆۋەنلىدى.
1416796
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 58 گە چۈشتى. جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 3952 كە يەتتى.
بۇ جەرياندا 33 مىڭ 332 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 17163904 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 2826 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 101 مىڭ 715 كىشىگە يەتتى.
سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ئىلمىي كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ۋىرۇسنى كونترول ئاستىغا ئالدۇق، ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنىمۇ كونترول ئاستىغا ئالساق، گۈزەل كۈنلەرنى كۆرىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.