ئەردوغان بىلەن مېركېل مۇھىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد -19) مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى.
1415208
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۈگۈن مېركېل بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.
ئەردوغان بىلەن مېركېلنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، كوۋىد -19 غا قارشى كۈرەش ۋە يۇقۇمدىن كېيىن تاشلىنىدىغان قەدەملەرگە دائىر ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
ئىككى رەھبەر سۆھبەتتە يەنە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ توختالدى.