تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نى يەڭگەنلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەشنىڭ ئىجابىي نەتىجىلىرى قولغا كېلىشكە باشلىدى. قازا قىلغانلارنىڭ سانى بارغانچە تۆۋەنلىدى.

1412291
تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نى يەڭگەنلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى تۈنۈگۈن ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19)  سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 64 كە چۈشتى. جەمئىي  قازا قىلغانلار سانى 3584 گە يەتتى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە  30  مىڭ 303 كىشى تەكشۈرۈلۈپ، 2253 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

ساقىيىپ ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 4917 گە چىقىپ، ئومۇمىي ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 78 مىڭ 202 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر