ئالتۇن: ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتىمىز

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۈركىيەنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1406757
ئالتۇن: ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ دوستلىرى ھەم ئىتتىپاقداشلىرىغا تېببىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «500 دانە ئوپېراتسىيەدە ئىشلىتىلىدىغان يۈز ماسكىسى ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى قوغدىنىش لازىمەتلىكلىرى بۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئاندرېۋس ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدا بولىدۇ. <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەشتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشىمىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر