تۈركىيە قىرغىزىستاندىكى پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇردى
ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە جىددىي ھالەت ۋە سائەت 20:00 بىلەن 08:00 ئارىسىدا كوچىغا چىقىشنى چەكلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇۋاتقان قىرغىزىستاندىكى تۈركىيە پۇقرالىرى تارقاقلاشتۇرۇلماقتا.
1402552
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بىر ئايروپىلانىنى قىرغىزىستانغا ئەۋەتىپ، تۈركىيە پۇقراسى 300 كىشىنى قايتۇرۇپ كەلدى.
خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققان كوۋىد – 19 يۇقۇمى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغاندىن كېيىن قىرغىزىستاننىڭ جالالئاباد رايونىدا 18 – مارتتا تۇنجى قېتىم بىر كىشىدە ۋىرۇس بايقالغانىدى.
قىرغىزىستان تېز سۈرئەتتە تارقىلىشقا باشلىغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە چېگرالىرىنى قسىمەن تاقىۋەتكەن، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشلىرىنى چەكلىگەنىدى.