مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ چەتئەللەردىن قايتىشنى تەلەپ قىلغان تۈركىيە پۇقرالىرى ھەققىدە توختالدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19) سەۋەبىدىن چەتئەللەردە قېلىپ قالغان تۈركلەرنىڭ ئەڭ قىشقا ۋاقىت ئىچىدە دۆلەتكە ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1398575
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ چەتئەللەردىن قايتىشنى تەلەپ قىلغان تۈركىيە پۇقرالىرى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېردا چەتئەللەردە قېلىپ قالغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنىشى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلان قىلدى.

ھازىرغا قەدەر چەتئەللەردە ۋاقىتلىق تۇرىۋاتقان ۋە قايتىشنى تەلەپ قىلغان 25 مىڭ پۇقرانى 70 دۆلەتتىن تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىپ كارانتىناغا ئالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ: «چەتئەللەردە ۋاقىتلىق تۇرىۋاتقان ۋە قايتىشنى ئىلتىماس قىلغان پۇقرالىرىمىزنى جۇمھۇر رەئىسىمىز (رەجەپ تاييىپ ئەردوغان) نىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن كارانتىنا شارائىتلىرىنى تەييارلاپ، ئىنشائاللاھ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر