تۈركىيەدە ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 501 گە يەتتى

تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) دىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 501 گە يەتتى.

1391289
تۈركىيەدە ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 501 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يېڭىدىن 76 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى بىلەن جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 501 گە كۆپەيدى؛ يېقىنقى 24 سائەتنىڭ ئىچىدە  19664 ئادەمنىڭ سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، بۇلارنىڭ 3013 ىدە يۇقۇم بايقالغانلىقى، بۈگۈن بالنىستتىن چىققان 302 ئادەمنى قوشقاندا، سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 786 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر