تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 277 گە يەتتى
تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 277 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 15679 غا يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا سەھىيە ئىشلىرى ئىلمىي كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 63 پۇقرايىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى، 2148 كىشى يۇقۇملاندى، 14396 كىشى تەكشۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 277 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 15679 غا، داۋالىنىپ ساياقغان بىمارلارنىڭ سانى 333 كە يەتتى، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلىرىمىز ئىچىدىكى ئۆلۈم نىسبىتى % 1.58. بۇ نۇقتىدا كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەشتە سىرتقا چىقماسلىق ۋە تەنھا ھالەتتە ياشاش شەرتتۇر، بۇ خەلقنىڭ سالامەتلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىدۇر. شۇڭا، ئىستىراتېگىيەمىز مۇقىم ھاياتلىقنى قوغداش بولۇشى كېرەك.»