سۈرىيەدە نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەدە «فىرات قالقىنى» رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ لىق 14 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1389761
سۈرىيەدە نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيەدە «فىرات قالقىنى» رايونىغا ئوغرىلىقچە كىرىشكە ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ لىق 14 تېررورچى ئالاھىدە قىسىملارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىلىشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئىزچىل داۋاملىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر