تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان نۇرغۇن بىمار ساقايدى
تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 92 گە، يۇقۇملانغاندىن كېيىن ساقايغانلارنىڭ سانى 42 گە يەتتى.
1386639
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «يېڭىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان 17 بىمارىمىز بىلەن بىرلىكتە <ۋۇخەن ۋىرۇسى> سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 92 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 5698 گە يەتتى. يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 7533 كىشى تەكشۈرۈلدى، 42 بىمار ساقايدى.»