ئەردوغان خەلقنى «ئۆيدە قال تۈركىيە» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، يەنە بىر قېتىم خەلقنى «ئۆيدە قال تۈركىيە» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى.

1386254
ئەردوغان خەلقنى «ئۆيدە قال تۈركىيە» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىستانبۇلدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىجتىمائىي تاراتقودىكى ئادرېسى ئارقىلىق «ھايات ئۆيگە سىغىدۇ»، «ئۆيدە قال تۈركىيە» دېگەن بەلگە ئاستىدا ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.

ئۇچۇرىدا، كوۋىد – 19 غا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى، زۆرۈر بولغان چارە – تەدبىرلەرنىڭ ۋاقتىدا يولغا قويۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «بارلىق ئاگاھلاندۇرۇشلارغا رىئايە قىلايلى، سەۋرچان بولايلى، سەزگۈرلۈكىمىزنى يوقىتىپ قويمايلى، ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئەتراپىمىزنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرەيلى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر