تۈركىيەگە قايتىشنى خالايدىغان تۈرك ئوقۇغۇچىلارنى يۆتكەش خىزمەتلىرى غەلىبىلىك تاماملاندى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي چەت ئەللەردىن تۈركىيەگە قايتىشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى يۆتكەش خىزمەتلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1384682
تۈركىيەگە قايتىشنى خالايدىغان تۈرك ئوقۇغۇچىلارنى يۆتكەش خىزمەتلىرى غەلىبىلىك تاماملاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچىرىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، تۈركىيەگە ئايروپىلان ئۇچۇشنى توخاتقان دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق تۈرك ئوقۇغۇچىلارنى يۆتكەش خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

فۇئات ئوكتاي ئوكتاي قايتىپ كەلمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنى يۆتكەش خىزمەتلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، « دۆلىتمىزگە قارىتا ئايروپىلان ئۇچۇشلىرىنى توختاتقان ئەنگىلىيە، ئېرلاندىيە، شۋېيېتسارىيە، پولشا، ئىتالىيە، مىسىر ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ئوقۇۋاتقان ۋە تۈركىيەگە قايتىشنى خالايدىغان تۈرك ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش خزمەتلىرى تاماملاندى. تۈركىيەگە 2 مىڭ 721 ئوقۇغۇچىمىز ئېلىپ كېلىندى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر