چاۋۇشوغلۇ چەتئەللەردە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغان تۈركىيە پۇقرالىرى ھەققىدە توختالدى

تاشقى ئىشلار  مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ چەتئەللەردە 32 تۈركىيە پۇقراسىنىڭ يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1385036
چاۋۇشوغلۇ چەتئەللەردە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغان تۈركىيە پۇقرالىرى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدە چەتئەللەردىن ئېلىپ كېلىنگەن تۈركلەر توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن چاۋۇشئوغلۇ بۇ قېتىم 11 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن 8 دۆلەتتىن 2721 ئوقۇغۇچىنىڭ دۆلەتكە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ۋە كارانتىناغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ چەتئەللەردە 32 تۈركىيە پۇقراسىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ جىنازىلىرىنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

چاۋۇشوغلۇ بەزى دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلگەن تىببىي ئەسلىھەلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، 69 دۆلەتتىن تىببىي ئەسلىھە ياردەم تەلىپى كەلگەنلىكىنى ۋە 17 دۆلەتكە ئەۋەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

چاۋۇشوغلۇ ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار  مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە تۈركىيەدىن ماسكا تەلەپ قىلغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ،  تىببىي ئەسلىھە ياردىمى ھەققىدە، «خەلقئارا جامائەتچىلىك ھەرقانداق چاغدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىشى كېرەك» دېدى.

مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ: «دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئۆز ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىۋاتىمىز، ئالاقزادە بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق، بىز بۇ جەريانلارنى بىرلىكتە يېڭىمىز»دېدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر