قايىل قىلىش خىزمەتلىرى ئۈنۈم بەرمەكتە

تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ نىڭ تۆت ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1382097
قايىل قىلىش خىزمەتلىرى ئۈنۈم بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېر ېېتىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى رايونىغا مەخپىي كىرىشكە ئۇرۇنغان پ ك ك|ي پ گ نىڭ تۆت ئەزاسىنىڭ، ئالاھىدە زەربىدارلار قىسمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قاندىل تېغىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاياللار قىسمىنىڭ نامدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىباشلىرىدىن خالىدە تارىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىدە قايىل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىمۇ ئۈنۈملۈك بولماقتا.

شىرناكتا ئىككى تېررورىست خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا تەسلىم بولدى. بىر تېررورىست ماردىننىڭ نۇسەيبىن ناھىيەسىدىكى چېگرا قاراۋۇلخانىسىغا تەسلىم بولدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر