تۈركىيە قىرىمنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنىشىنىڭ قانۇنسىزلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراشلىق قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى قانۇنسىز شەكىلدە ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىنىڭ ئالتىنچى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنقەرەنىڭ قانۇنسىز قوشۇۋېلىشنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

1379122
تۈركىيە قىرىمنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنىشىنىڭ قانۇنسىزلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراشلىق قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى قانۇنسىز شەكىلدە ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىنىڭ ئالتىنچى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنقەرەنىڭ قانۇنسىز قوشۇۋېلىشنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئۇكرائىنا (غا قاراشلىق) قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن 6 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق قانۇنسىز ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئارقىلىق رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن قانۇنغا خىلاپ شەكىلدە قوشۇۋېلىنىشىنىڭ، تۈركىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغانلىقى»نى تەكىتلەپ ئۆتتى.

باياناتتا، «قىرىمنىڭ ئاساسىي خەلقى بولغان قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتەنلىرىدە ئېسەنلىك ۋە بىخەتەر ياشاشلىرى، مەدەنىيەت كىملىكلىرىنى قوغداپ قېلىشلىرى ۋە قوشۇۋېلىشنى مەنبە قىلغان تالاپەتلەرنىڭ ئورنىنىڭ تولدۇرۇلۇشى تۈركىيە نۇقتىسىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

تۈركىيە، ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى بولغان ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا بولغان قوللىشىنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر