چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق تۈركىيە پۇقرالىرىغا مۇھىم ئاگاھلاندۇرۇش!!!

تۈركىيەنىڭ يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، ئۇچۇش چەكلىمىسى قويۇلغان 11 دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ساياھەتچى ياكى ئوقۇغۇچى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ 18 – مارتقىچە مەملىكەتكە قايتالايدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1378323
چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق تۈركىيە پۇقرالىرىغا مۇھىم ئاگاھلاندۇرۇش!!!

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتناش ۋە ئۇل - ئەسلىھە مىنىستىرلىقىىنىڭ يازما باياناتىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە، نورۋېگىيە، دانىيە، بېلگىيە، ئاۋىستىرىيە، شۋېتسىيە ۋە گوللاندىيەگە ئايروپىلان قاتناشلىرىنىڭ 14 -  مارت ئەتىگەن سائەت 08:00 دىن 17 – ئاپرېلغىچە ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ئايروپىلان قاتنىشى مەنئىي قىلىنغان دۆلەتلەردىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ 14 كۈنلۈك كارانتېنا شەرتى بىلەن 17 – مارت سائەت 24:00 گىچە تۈركىيەگە قايتسا بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سەلىم كىران ئايروپىلان قاتنىشى چەكلەنگەن ياۋروپادىكى 9 دۆلەتتە تۇرۇشلۇق تۈرك ئوقۇغۇچىلار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئارىلىقتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كونسۇلخانىلار باشقارمىسى ئالاقىلىشىش مەركىزىدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى «كرىزىس باشقارمىسى» قۇرۇلدى. بۇ ئورۇن 7 كۈن، 24 سائەت دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىكى تۈركىيە پۇقرالىرىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

تۈركىيە پۇقرالىرى ياردەم ئۈچۈن مەركەزنىڭ «+90 312 292 29 29» نومۇرىغا تېلېفون قىلسا بولىدۇ.

مىنىستىرلىق يەنە، چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى سەۋەبىدىن ئالاقزادە بولماسلىقى، تەمكىن ھەرىكەت قىلىپ، ئادەم كۆپ جايلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر