چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق تۈركىيە پۇقرالىرىغا جىددىي ئۇقتۇرۇش! مەملىكەتكە قايتىش مۇددىتى قىسقارتىلدى

تۈركىيەنىڭ يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، ئۇچۇش چەكلىمىسى قويۇلغان 9 دۆلەتتىكى ساياھەتچى ياكى ئوقۇغۇچى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ مەملىكەتكە قايتىش مۇددىتى 48 سائەت ئالدىغا ئېلىندى.

1378460
چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق تۈركىيە پۇقرالىرىغا جىددىي ئۇقتۇرۇش! مەملىكەتكە قايتىش مۇددىتى قىسقارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، ئىلگىرى ئۇچۇش چەكلىمىسى قويۇلغان 5 دۆلەتتىن باشقا يەنە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە، نورۋېگىيە، دانىيە، بېلگىيە، ئاۋىستىرىيە، شىۋېتسىيە ۋە گوللاندىيەگىمۇ ئۇچۇش چەكلەندى.

9 ياۋروپا دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئوقۇغۇچى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ مەملىكەتكە قايتىشى ئۈچۈن 17 – مارت سەيشەنبە كۈنى 23:59 گىچە مۇددەت بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ماددەت 48 سائەت ئالدىغا ئېلىندى.

يولۇچىلار تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى بۈگۈن 23.59 گىچە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارغا چىقىشى لازىم. چۈنكى پىلانلانغان ئۇچۇشتىن باشقا، ھېچقانداق ئايروپىلانغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

بۇ دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر 14 كۈنلۈك كارانتىنا شەرتى بىلەن تۈركىيەگە كىرسە بولىدۇ.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى (THY) مۇ 18 - مارتتىن 17 – ئاپرېلغىچە، مەزكۇر 9 دۆلەتكە ئۇچۇشلىرىنى توختىتىش قارارى ماقۇللىدى.

14 – مارتتىن 17 - مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا پەقەت دۆلەتلەردىن قايتماقچى بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى ئۈچۈنلا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

بۇ ئارىلىقتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كونسۇلخانىلار باشقارمىسى ئالاقىلىشىش مەركىزىدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى «كرىزىس باشقارمىسى» قۇرۇلدى. بۇ ئورۇن 7 كۈن، 24 سائەت دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىكى تۈركىيە پۇقرالىرىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

تۈركىيە پۇقرالىرى ياردەم ئۈچۈن مەركەزنىڭ «+90 312 292 29 29» نومۇرىغا تېلېفون قىلسا بولىدۇ.

مىنىستىرلىق يەنە، چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى سەۋەبىدىن ئالاقزادە بولماسلىقى، تەمكىن ھەرىكەت قىلىپ، ئادەم كۆپ جايلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر