ئىراقنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرۇق رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1376551
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى ھاقۇرۇق رايونىدا چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىققان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچىنى ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغان بولۇپ، تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئىزچىل داۋاملاشماقتا ئىكەن.