ئىدلىبتا يەنە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى ئىغۋاگەرچىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.

1368870
ئىدلىبتا يەنە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن (2020-يىلى 28-فېۋرال) يەنە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىب رايونىدا قىلغان توپ ھۇجۇمىدا، بىرئەسكەر شېھىت بولدى، ئىككى ئەسكەر يارىلاندى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇجۇمىغا جاۋاب قايتۇرۇلغانلىقىنى ۋە 56 ئەسكىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ پەيشەنبە (2020-يىلى 27-فېۋرال) كۈنىدىكى ھۇجۇمىدا، تۈركىيەنىڭ 33 ئەسكىرى شېھىت بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر